قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى
قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى
قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا دىنغا ئىشەنمەيدىغان ماددى كۆز قاراشتىكى ئاتىزىمچىلارغا ئۇلار چۇشۇنىغان ئۇسلۇب بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ.يازما : ئۆمەر چىلەك
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/50894
كىتابلار
- ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلارساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/135995
- ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىبۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.
يازما : شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/332520
- ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/369732












