قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى
«قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى» بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈنجى يۇز كۆرۇشكەن قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق تەرجىمىسى بولۇپ ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قۇرئان ئىلىملىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد سالىھ قاراجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : پادىشاھ پەھەدنىڭ قۇرئان كەرىم بېسىپ تارقىتىش ئورگىنى
Source : http://www.islamhouse.com/p/1501
كىتابلار
- قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىرمەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر» «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى، ھەجمى ئەڭ چوڭ ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يازما : ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ - مۇھەممەد ئۆمەر - مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى - يۇسۇپ قارى - ئابدۇلھەمىد قاراجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48104
- ئىماننىڭ ئاساسلىرىئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي ن. تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ھەدىس ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/178711
- دىنىمنى ئۆگۇنىمەن«دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.
يازما : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.مەجىد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/58616












