قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى
يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى
«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يازما : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/338896
كىتابلار
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى«مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى» ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبى خەلىقئارادىكى ئورنىنىڭ توۋەنلىگەنلىكى، ئەگەر ئۇلار، ئەقىدىسىدە چىن بولغان كۈنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىلىچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى پاتپاراقچىلىقلارنى ئىسلام دىنىلام نەتىجىلىك ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن، تارىخ ۋە داڭلىق ئالىملارنىڭ سوزلىرىدىن دەلىل كەلتۇرۇپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52939
- ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/63251
- ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار«ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.
يازما : سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.nurislam.cn
Source : http://www.islamhouse.com/p/52884












